«تۈركىيە تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1035686
«تۈركىيە تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، رايوندىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ بىخەتەر ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېيت نامىزىنى ئىستانبۇلدىكى ئاكتاشەھىر مىمار سىنان جامەسىدە ئادا قىلغان فۇئات ئوكتاي، نامازدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى: «دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، قۇربان ھېيت بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزگە تۈرتكە بولغۇسى.»

تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەن ئوكتاي: پۈتكۈل دۇنيا بولۇپمۇ رايونىمىز قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. تۈركىيە كۈندىن-كۈنگە بىخەتەر ھالەتكە كەلمەكتە ۋە  قۇدرەت تاپماقتا. مەن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ گۈزەل تىلەكنى بىلدۈرىمەن، دېدى.

فۇئات ئوكتاي بۈگۈن مەككىدە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقان بارلىق ھاجىلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنىمۇ تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر