يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

مۇداپىئە سانائىتى پىلان – لايىھەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

1027283
يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە سانائىتى پىلان – لايىھەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلىدۇ.

مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئېھتىياج دەرىجىلىرىگە ئاساسەن، ياسىلىشى زۆرۈر بولغان زامانىۋى قورال، ئاپتوموبىل ۋە سايمانلارنى ياساش، دۆلەت ئىچىدىن ياكى زۆرۈر تېپىلغاندا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانىدىكى 400 لايىھەنىڭ 48 ى مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنىدا مەزكۇر لايىھەلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سېتىۋېلىنىشى بويىچە كۆرۈلگەن يىرىكچىلىكلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر