15 - ئىيۇلدا تۈركىيە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا پۈركەندى

2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى بولغان تۈنۈگۈن، «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە مىقياسىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

1013309
15 - ئىيۇلدا تۈركىيە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا پۈركەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنى قاراڭغۇلۇققا دۇچار قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈلمىگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. بىراق، مىليونلارچە خەلق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن كوچىلارغا چىقىپ، قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى. ئۆزىنى تانكىلارنىڭ، ئوقلارنىڭ ئالدىغا ئاتقان 251 بىر ۋەتەنپەرۋەر شېھىت بولدى...

خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، يەنە مىليونلارچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇ كېچىنى ئۇنتۇلدۇرمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئەرزۇرۇمدا مىڭلارچە كىشى تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا مەيدانغا توپلاندى؛ مەھتەر ئانسامبىلى نومۇرلارنى كۆرسەتكەن كېچىلىك يىغىلىشتا خەلق ئومۇمىي خور ھالىتىدە مارش ئوقۇدى... ترابزوندا قېرى – ياش ھەممە يۈرۈش پائالىيىتىدىن كېيىن مەيدانغا توپلاندى؛ سەنئەتچى ئوغۇر ئىشىلاق سەھنىگە چىقىپ، ناخشا ئېيتتى... دىيارباكىرمۇ قەھرىمان شېھىتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى... دېموكراتىيەنى قوغدىغۇچىلارنىڭ يەنە بىر ئادرېسى ئانتاليا بولدى... سىۋاستىمۇ 55 مىڭ ئەتراپىدا كىشى توپلىنىپ، تارىخىي پويىز ۋوگزالىدىن شەھەر مەيدانىغا يۈرىدى... يوزگاتتىكى مەھتەر ئانسامبىلىنىڭ كونسېرتلىرى بىلەن باشلانغان پائالىيەتنى مىڭلارچە كىشى تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى... ئارداھانلىقلارمۇ يامغۇرغا قارىماي، دېموكراتىيەنى قوغداش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلاندى...

ئاماسيا، كاستامونۇ، چورۇم ۋە ئىغدىردىمۇ غايەت زور تۈركىيە بايراقلىرى مەيدانلاردا ئىدى؛ ئىغدىرلىقلار 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا يۈرىدى.... شىرناقلىقلارمۇ تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، دېموكراتىيە قاراۋۇللۇقىنى قىلىش ئۈچۈن توپلاندى... دۈزجەدىكى مەھتەر ئانسامبىلىنىڭ كونسېرتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتنى، مىڭلارچە كىشى تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى... مالاتيادىكى دېموكراتىيەنى قوغداش قاراۋۇللىرى پائالىيىتىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغان ئارىسىدا ئالتە ئوقيا كوماندىسىمۇ بار ئىدى.

قەيسەرى، غازىئانتەپ ۋە ئەسكىشەھىردە «قۇرئان كەرىم» ئوقۇلدى، دۇئالار قىلىندى... قىرىققالە، قاھرامانماراش ۋە ھاتايدا بولسا، مەھتەر سەنئەتچىلىرى مىڭلارچە كىشىنىڭ دېموكراتىيە قاراۋۇللۇقىغا ھەمنەپەس بولدى.

ئارتۋىننىڭ بورچكا رايونى ئاھالىسى دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىزلىكتە دېموكراتىيە قاراۋۇللۇقى بۇرچىنى ئادا قىلدى.

بۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە كېچىدە بىر يەرگە جەم بولغانلار پەقەت مىليونلارچە كىشى ئەمەس ئىدى؛ ئاسماندا يۇلتۇز بىلەن ھىلالنىڭ يانمۇيان تۇرۇشىمۇ بۇ كېچىگە ئۆزگىچە مەنە بېغىشلىدى.

15 – ئىيۇل كېچىسى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقكە خىيانەت قىلغانلارغا قارشى بىرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇش ۋە مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلغان سالاۋاتلار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىيانىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدىمۇ قايتا ئوقۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر