ئەردوغان تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قاراتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قاراتتى.

1009308
ئەردوغان تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قاراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۇر» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئەزەربەيجانغا قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئەسەنبۇغا ئايرودۇرۇمىدا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى دۇرمۇش يىلماز، ئەنقەرە ۋالىيسى ئەرجان توپاجا ۋە بىر قىسىم ئالاقىدار ئەمەلدارلار ئۈزىتىپ قويدى.

ئەردوغان باكۇدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر