ئامېرىكادىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
ئامېرىكادا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدە 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى.
994145
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 9-ئىيۇن باشلانغان ئاۋاز تاشلاش ئاخىرلىشىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا، نىيۇ يوركتا ياشاۋاتقان تۈركلەر كونسۇلخانا ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەت ھاسىل قىلدى.
ئامېرىكادا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى نىيۇ يورك، ۋاشىنگتون د. س، مىئامى، خوستون، چىكاگو ۋە لوس ئانژېلىستىكى نۇقتىلاردا شۇ يەر ۋاقتى 21:00 دە ئاخىرلاشتى.
تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەرتان يالچىن نىيۇ يوركتا تىزىمغا ئېلىنغان 40 مىڭ 18 سايلىغۇچىنىڭ بارلىقىنى ۋە توققۇز كۈندە 12 مىڭ 845 سايلىغۇچىنىڭ ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.