تۈركىيە ئەسكەرلىرى مۇنبىچتا چارلاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى مۇنبىچتا چارلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

994683
تۈركىيە ئەسكەرلىرى مۇنبىچتا چارلاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى مۇبىچتا ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چارلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

"فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسى بىلەن مۇنبىچ ئارىسىدا قالغان لىنيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى مۇستەقىل ھالدا چارلاشنى باشلىدى."

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدىكى رايونغا تەۋە جەرابلۇس ناھىيەسى بىلەن مۇنبىچ ئالدىنقى سېپىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان ساجۇ دەرياسى ئەتراپىغا كىرگەن.

تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بۇ رايوندا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى جايلاشقان دالات ناھىيەسىنىڭ قارشىسىدا بىرلىكتە چارلاش ۋە كوردىناتسىيەنى ساقلاش پائالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ پائالىيەت تەخمىنەن ئۈچ سائەت داۋام قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر