تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئىراقتىكى ئۇۋىسى - قاندىلغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا ئۇۋا سالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېىلپ بېرىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، تېررورچىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ كەلگەن، ئاتالمىش باشلىقلىرى مۆكۈپ يۈرىدىغان ئىراقنىڭ قاندىل رايونىغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىشى داۋاملاشماقتا.
مەسىلىنى مەنبەسىدە قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن قاندىلغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلارغا 11 بازا قۇردى. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 155 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.