ئەردوغان شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ بېشارىتىنى بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان "سىنجارغىمۇ، قاندىلغىمۇ ھەربىي ھەرىكەت قوزغايمىز" دېگەن سۆزلىرى بىلەن، شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ بېشارىتىنى بەردى.

988433
ئەردوغان شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ بېشارىتىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپ ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى چۈشەندۈردى. ئۇ: "تۈركىيە قاندىلدا ھەربىي ھەرىكەت قىلامدۇ؟" دېگەن سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

"بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى ئامىلى بار، قاندىل بار، سىنجار بار. ئەگەر، ھازىر ئىراقتىن تۈركىيەگە ھەر قانداق تەھدىت شەكىللەنسە، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن تېزلىكتە كۆرۈشۈپ، مۇزاكىرە قىلىمىز، دېمىسىمۇ پات-پات بۇنداق تەھدىتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. باغداد ھۆكۈمىتى <مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن> دېسە تېخى ياخشى. <ھەل قىلمايمەن> دېسە، ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايمىز، سىنجارغىمۇ، قاندىلغىمۇ ھەربىي ھەرىكەت قوزغايمىز. ھەتتا، مەن ماھمۇرنى بىرىنچى قېتىم ئاغزىمغا ئالدىم، ماھمۇر ناھايىتى مۇھىم. ب د ت نىڭ مۇنداق بەلگىلىمىسى بار، ئۇنداق بەلگىلىمىسى بار دېيىلىۋاتىدۇ. ب د ت ماھمۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىم. چۈنكى ماھمۇردا تېررورىستلار تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، ئۇ يەر تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسى."

ئۇ: "ب د ت بىلەن بۇ توغرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچرىشىش بارمۇ؟" دېگەن سوئالغا، بۇ توغرىدا بۇرۇن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: "ھازىر ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. بىرسى بۇ ئىشنى ھەل قىلسۇن. ھەل قىلسا قىلدى، قىلمىسا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بىز قىلىمىز، بۇ يەر تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسىدۇر" دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مەسىلىنى باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە: "قاندىل قەيەرگە تايىنىدۇ دەپ ئويلايسىلەر، ماھمۇرغا تايىنىدۇ. بۇلارنى خاتا ئويلىمايلى، سىنجار ئەسلىدە كىچىك قاندىل" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر