ئەردوغان مەھمۇد ئابباستىن تېلېفوندا ھال سورىدى

ئەردوغان بىلەن ماھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىگۇناھ ئىنسانلارنى فەتلىئام قىلىشتەك قانۇنسىزلىقلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش جەھەتتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

976657
ئەردوغان مەھمۇد ئابباستىن تېلېفوندا ھال سورىدى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. 
جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ سالامەتلىكىنى سورىغان ۋە بالدۇرراق شىپا تېپىشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەزىيەتلەرنى مۇزاكىرلەشكەن. 
ئەردوغان مەھمۇد ئابباسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتقان. 18 -  ئاپرېلدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ۋە خۇلاسە دوكلاتى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشقان. 
ئىككى رەھبەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك پوزىتسىيە تۇتۇشى نۇقتىىسدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 
ئەردوغان ۋە ماھمۇد ئابباس ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىگۇناھ ئىنسانلارنى فەتلىئام قىلىشتەك قانۇنسىزلىقلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش جەھەتتىمۇ قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. 
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەققانىي داۋاسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە پۈتۈن تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر