چاۋۇشئوغلۇ ئونلارچە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا كۆچۈرۈشى ۋە غەززە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئونلارچە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.

973237
چاۋۇشئوغلۇ ئونلارچە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا كۆچۈرۈشى ۋە غەززە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفون دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سېررالىئون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىئې كاببا، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى، تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇمەيس جىھىناۋى، مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئاسىم، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېسساھېل قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد ئەلى يۇسۇف، گىنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مامادى توئۇرې، ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا ۋە لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىبران باسىل، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قايرات ئابدراھمانوۋ، كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ساباھ خالىد ئەلھەمەد ئال ساباھ، بىرۇنېي تاشقى ئىشلار ۋە سودا ئىشلىرى ئىككىنچى مىنىستىرى لىم جوك سېڭ، مالى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى تىئېمان ھۇبېرت كولىبالي، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد تاھا سىئالا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرلان ئابدىلدايېۋ، ماۋرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسلىكو ۋەلىد ئەھمەد ئىزىد بىھ، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جەئفەرى ۋە چاد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد زەين شەرىف قاتارلىقلار بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان قارارىغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى 14 – مايدا رەسمىي شەكىلدە قۇدۇسقا كۆچۈرۈشى رايوندا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئامېرىكىنىڭ قۇدۇسقا ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان 62 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى، 3188 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە، شېھىت پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر