ئەردوغان: پەلەسىتنلىكلەر تېررورچى ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاماسنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى، پەلەسىتنلىكلەرنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

972235
ئەردوغان: پەلەسىتنلىكلەر تېررورچى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇغا ئىككىنچى قېتىم يوللىغان سىگنال ئۇچىرىدا مۇنداق دېدى: «ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەستۇر، شۇنداقلا، پەلەسىتنلىكلەرمۇ تېررورچى ئەمەستۇر، پۈتكۈل دۇنيا زالىملارغا قارشى ئېزىلىۋاتقان پەلەستىن خەلقى بىلەن بىللىدۇر.»

ئۇ يەنە، ھاماسنىڭ پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتىنى ئىشغالچىلاردىن قوغداۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر