چاۋۇشئوغلۇ: دۆلەتلەر ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك

چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لېتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىناس لىنكۇۋېكىئۇس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

967785
چاۋۇشئوغلۇ: دۆلەتلەر ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى ھەققىدە توختىلىپ، «دۆلەتلەر ئىمزالىغان كېلىشملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لېتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىناس لىنكۇۋېكىئۇس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2015 – يىلىدىكى يادرو كېلىشىمىنىڭ پەقەت ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىلا ئىمزالانمىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ كېلىشىمگە تەرەپ ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «خولاسىلىگەندە، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا بۇ (چېكىنىش) قارارنى چىقىرىشى توغرا تاشلانغان بىر قەدەم ئەمەس. باشقا دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، رەھبەرلەر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كېلىشىمدە چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى، ئەمدى تولۇق مەنىدە ئىشلار قالايمىقانلاشتى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يادرو قوراللىرىغا قارشى، لېكىن ھەممىسىگە قارشى؛ پەقەت بىر دۆلەتنىڭ قولىدىكى يادرو قوراللار ياكى ياساپ چىققۇسى يادرو قورالغىلا ئەمەس. بىز پۈتكۈل رايونىدىمىزدىكى ۋە دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىغا قارشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «مەن، بۇ ئېنىقسىزلىق ۋە بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەردا ئىمقىغا ئوخشاش بۇ يەردە يەنە ئورتاق ئەقىلنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن تېگىشىلىك ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر