ئەردوغان: زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتىدىغان تەرەپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

967214
ئەردوغان: زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «‹ CNN International › تېلېۋىزىيە قانىلى» دىن بېكى ئاندېرسوننىڭ دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان «ۋاشىنگتوننىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى» گە ئالاقىدار قارارى توغرۇلۇق توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دېيىلىۋاتقان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان سەلبىيلىكلەرنىڭ ئىجابىي ھالغا ئايلىنىشىدا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانىدى. كۈتۈلمىگەندە، بۇ باسقۇچنىڭ تەتۈرگە ئايلىنىپ كېتىشى پەقەت رايونغىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا، ھەتتا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭدىن ۋاقىتلىق پايدا ئېلىشى مۇمكىن، ئەمما، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدۇ. نېمىشقا چوڭ كىرىزىسلەرگە يول ئاچقۇدەكمىز؟ دەرۋەقە، بىزنىڭ كىرىزىسلەرگە ھېچ ئېھتىياجىمىز يوقتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېكى ئاندېرسوننىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس نېمە؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ نۇقتىدا مېنىڭچە زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدۇ، چۈنكى ئىران كېلىشىمدىن چېكىنمەيدۇ، ئاداققىچە كېلىشىمگە رىئايە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، چۈنكى، ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى تۈزگەن كېلىشىمگە ئۆزى رىئايە قىلمايۋاتىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، خەلقئارالىق كېلىشىملەر خالىسىڭىز رىئايە قىلىدىغان، خالىمىسىڭىز بۇزىدىغان كېلىشىملەر ئەمەستۇر، كېلىشىمگە ئىمزا ئېتىلغان ئىكەن، چوقۇم ئاداققىچە رىئايە قىلىش لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر