باش مىنىستىر  يىلدىرىم: قەرز ئىشلىرى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 2018 – يىلى 31 – مارتتىن بۇرۇنقىغا ئائىت دۆلەتكە ئائىت بولغان قەرز ئىشلىرىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

961893
باش مىنىستىر  يىلدىرىم: قەرز ئىشلىرى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياشانغانلارغا بېرىلىدىغان مائاشنىڭ 500 لىراغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، پىنسىيۇنېرلارغىمۇ يىلدا ئىككى قېتىم 1000 لىرادىن بايراملىق ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى 7 يىلدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرەلمىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ يەنە بىر قېتىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر