تۈركىيە ئامېرىكىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

959198
تۈركىيە ئامېرىكىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ مىنىستىرلىق، مەزكۇر دوكلاتنىڭ بىر تەرەپلىمە ئانالىزلارغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، ئامېرىكىغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۈچۈن بىخەتەر پورت، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د / ي پ گ ئۈچۈن تەمىناتچى بولۇشتىن ۋاز كېچىشى تەۋسىيە قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئىشلىتىلگەن تىل ۋە ئۇسلۇبنىڭ ياخشى نىيەت ۋە دىپلوماتىك ئەدەب – ئەخلاق چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن ھالدا، دوكلاتقا «ماددىي خاتالىقلاردىن باشقا مەنبەسى گۇمانلىق مەلۇماتلار، ئاساسسىز دەۋالار، بىر تەرەپلىمە ئانالىز ۋە سوبيېكتىپ مۇلاھىزىلەرگە توشۇپ كەتكەن» دەپ باھا بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز قىلمىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سىستېمىلىق ھالدا ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر