قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

958918
قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، تۈنۈگۈن سائەت 17 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە ناھىيەنىڭ ئاقچابۇداق يېزىسى ھەۋسەل رايونى چېگراسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، توقۇنۇشتا يارىلانغان 4 ئەسكەرنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئازابقا دۇچار قىلغان بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغان قەھرىمان سەپدېشىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، يېقىنلىرىغا، سەپداشلىرى ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر