ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

958615
ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئىلھام ئەلىيېۋنى ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسىلىك سارىيى كىرىش ئېغىزىدا قارشى ئالدى.

ئىككى رەھبەر مۇراسىم مەيدانىدا ئۆز ئورۇنلىرىنى ئالغاندىن كېيىن 21 پاي توپ ئوقى ئېتىلدى ۋە ھەر ئىككى دۆلەت مارشلىرى چېلىندى.

مۇراسىمدا، بارابانچىلار ئەترىتى تۇنجى قېتىم «جان ئەزەربەيجان» ناخشىسىنى ئورۇنلىدى. 

دەسلەپتە، ئىككى رەھبەر ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئاندىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ۋە كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسمىدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ قوشما ئاخبارات ئېلىش يىغىنى چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندىن كېيىن، ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ شەرىپىگە چۈشلۈك زىياپەت بەردى.

ئەزەربەيجاندا 11ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىلھام ئەلىيېۋ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەدىن باشلىغان بولدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئەزەربەيجان بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر