تۈركىيە ۋەكىلى ياۋروپا كېڭىشى يىغىن زالىدىن چىقىپ، تۈركىيەگە قايتىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ تۈركىيە ھەيئىتى باشلىقى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، تېررورچى سالىھ مۇسلىمنىڭ سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

957413
تۈركىيە ۋەكىلى ياۋروپا كېڭىشى يىغىن زالىدىن چىقىپ، تۈركىيەگە قايتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ تۈركىيە ھەيئىتى باشلىقى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د نىڭ ئاتالمىش سابىق تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى سالىھ مۇسلىمنىڭ سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئومۇمىي كېڭەشتىكى خىزمەتلىرىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ تۈركىيەگە قايتىشنى قارار قىلدى.

ئاكىف چاغاتاي قىلىچ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ شەھىرىدە باشلانغان ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ باھار مەزگىللىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ قوشۇمچە بۆلۈمىدىكى بىر پائالىيەتكە تېررورچىلار كاتتىبېشى سالىھ مۇسلىمنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى.

بىرلەشمە ياۋروپا سولچىلار گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى بىناسىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە ۋە مۇسلىمنىڭ ئۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەن قىلىچ، «ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا زىت ۋە ياۋروپا كېڭىشى ئۆلچەملىرى نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان بۇ پائالىيەتنى ئەيىبلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاكىف چاغاتاي قىلىچ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا يەنە، «بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى ۋە تېررروچى سالىھ مۇسلىمنىڭ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ بىر پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى تۈرك ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئاپرېل ئايلىق يىغىنىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە قايتىمەن. ھەيئەت ئەزالىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىدىغان دوكلاتنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار قىسىملىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى سۇنۇش ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئاپرېل ئايلىق يىغىنلارغا چەكلىك دائىرىدە ئىشتىراك قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر