دىيارباكىردا تۆت تېررورىست يوقىتىلدى

دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە تۆت تېررورىست يوقىتىلدى.

954660
دىيارباكىردا تۆت تېررورىست يوقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ۋالىي مەھكىمىسى كۇلپ ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، كۇلپ ناھىيەسى ئىچىدە ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن بىر گۇرۇپپا تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى؛ ئېتىشىشتا، تۆت تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تىنىتىشتا، ئۈچ دانە «AK-47» تىپلىق كالاشنىكوف، «M-16» تىپلىق مىلتىق، «RPG-7» تىپلىق راكېتامىيوتلار، ئىككى دانە قول بومبىسى، توققۇز دانە ئوق دىسكىسى، 171 دانە فىشەك، چوڭ سىمسىز تېلېفون ۋە مىكروفون، ئۈچ دانە سىمسىز كىچىك تېلېفون، كامېرا، تۆت يۈرۈش مەرگەنلەر كىيىمى، تېررورىستلار كىيىمى، قول دۇربۇنى، بومبا، قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچ تىزگىنەكى، ھەر خىل پارتلاتقۇچ ھەمدە ماتېرىياللار، كىيىم-كېچەك ھەمدە نۇرغۇن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر