ئەردوغان ترامپ بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

949577
ئەردوغان ترامپ بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تۈنۈگۈن كېچە تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاقساراينىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار باياناتىدا بولسا، «ئىككى رەھبەر كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر