ئەردوغان لاۋروۋنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئەمەس، تۈركىيەنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
![ئەردوغان لاۋروۋنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ca60/7120/049d/5acc92376b708.jpg?time=1718408219)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئافرىن توغرىسىدىكى قارىشىغا «خاتا» دەپ باھا بەرگەن ھالدا، «نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى يەرلەرنى سۈرىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنسۇن. ئۇ يەرلەرنى ھاكىمىيەت، بەردى دېگەن سۆزى بىزنى قايىل قىلمايدۇ. بىز نۆۋىتى كەلگەندە، ئافرىننى ئافرىنلىقلارنىڭ ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. لېكىن، بۇنىڭ ۋاقتىنى ھۆرمەتلىك لاۋروۋ ئەمەس، بىز بەلگىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ رايوننىڭ دەمەشىق ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718408220)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.