61 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا بىر ھەپتە ئچىىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن 61  ى بىر تەرەپ قىلىندى.

942809
61 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26 – مارتتىن 2  - ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك 6 مەسئۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 61 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تور ھۇجۇملىرى جىنايەتلىرىگە قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە خەلقنى كىن، نەپرەت ۋە دۈشمەنلىككە كۈشكۈرتكەن 454 ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش باشلانغان، بۇنىڭدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 242 كىشى ھەققىدە قانۇنىي تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر