خۇلۇسى ئاقار ھەربىي ئىشتاب ۋە بازىلارنى زىيارەت قىلدى

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار شېھىت ۋە غازىلارنىڭ بىر تامچە قېنىنىڭمۇ يەردە قالمايدىغانلىقىنى، ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھەر بىر تامچە كۆز يېشىنىڭ ھېسابى سورىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

942041
خۇلۇسى ئاقار ھەربىي ئىشتاب ۋە بازىلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار، ئەلازىغ، تۈنجەلى ۋە مالاتيا قۇرۇغلۇق ئارمىيە قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى ئىشتابلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈزغا، ئەلازىغ، تۈنجەلى ۋە مالاتيا رايونىدىكى ھەر قايسى ئىشتاب ۋە بازىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، گېنېرال خۇلۇسى ئاقارنىڭ رايوندىكى ھەر قايسى ئىشتاب ۋە بازا قوماندىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورلۇققا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت ۋە باشقا پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقى ھەمدە بىر تۈركۈم بۇيرۇقلارنى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خۇلۇسى ئاقار تەكشۈرۈش جەريانىدا، رايوندا ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ خاتىرىجەملىكىگە تەھدىت بولىدىغان خائىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يوقۇتۇلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ياز قىش دېمەستىن، كېچە كۈندۈز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىنىڭ، ژاندارما، ساقچى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى بىلەن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ، تېررورلۇققا قارشى زور تىرىشچانلىق بىلەن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن خۇلۇسى ئاقار، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئاقىرىقى بىر تېررورچىمۇ قالماي يوقۇتۇلغانغا قەدەر قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

خۇلۇسى ئاقار شېھىت ۋە غازىلارنىڭ بىر تامچە قېنىنىڭمۇ يەردە قالمايدىغانلىقىنى، ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھەر بىر تامچە كۆز يېشىنىڭ ھېسابى سورىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر