تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، يەكشەنبە كۈنى كېچىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

938655
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «25 – مارت كېچىسى يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىگە 7 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىدىن ئەندىشە ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى. بۇ ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ نىشانلىرىغا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ھاۋادا يوقىتىپ تاشلىنىپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جان ۋە مال – مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنىڭ بىر تەسەللىي ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك تۇركى ئەلمالىكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە يەمەن تەۋەلىكىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قويۇپ بېرىلگەن 7 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ھاۋادا تۇرغۇزۇپلا يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھۇسىيلار تەرىپىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ رىيادقا قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھاۋادا تۇرغۇزۇپلا يوقىتىپ تاشلانغانىدى.

يەمەندە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان پايتەخت سەنئا (سانا) قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان يوللۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەرنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر