ئافرىن رايونىنى مىنادىن تازىلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

ئافرىن رايونىنى مىنادىن ۋە پارتلاتقۇچلاردىن تازىلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

935416
ئافرىن رايونىنى مىنادىن تازىلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ي د/پ ك ك دىن تازىلانغان ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە تېررورچىلار قېچىش جەريانىدا تۇزاق قۇرۇپ قويغان پارتلاتقۇچلار پاچاقلاپ تاشلانماقتا، مىنالار تازىلانماقتا.

تۈركىيە قىسىملىرى يوللارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ناھىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان 46 مىنا ۋە پارتلاتقۇچنى كونتىروللۇق ھالدا پاچاقلاپ تاشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مىنا ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچى ئىتلىرىمۇ ئىشقا سېلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر