تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئافرىندىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر سۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

934950
تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەستىن قانداق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە دۇنياغا مىسال بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئافرىندىن ئىگىلەنگەن ۋە تەرتىپ بويىچە خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلىشىلىۋاتقان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلار، بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئىشقا سىلىنىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ كۆلىمىنى ۋە ئاساسىز ماھىيىتىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە» دېيىلدى.

ئافرىن خەلقىگە نىسبەتەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ي پ گ تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنالار ۋە بومبىلاردىن باشقا ھېچ قانداق خەۋپ يوقلۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە، بۇ مىنا ۋە بومبىلارنىڭ تىزدىن تازىلىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ بۈگۈن فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى نۇتۇقىدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە ھەقىقەت بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى بولمىغان يالغان مەلۇماتلارنغا تايانغان تەلەيسىزلەرچە سۆزلىرىنى <قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوق> دەپ قارايمىز. تۈركىيە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ھەمدە ئافرىننى تېررورچىلاردىن قۇتقۇزۇپ ھەقىقىي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق بەزى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ لوپا ئەينىكى بىلەن قاراشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلماقتىمىز»

باياناتتا، ئىتىىپاقداشلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى پائالىيەتلەرگە يول قويماسلىقى تەلەپ قىلىنىپ، «ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە قارشى تەتۇر تەشۋىقاتلارغا يول قۇيۇپ، تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت بولۇشتەك سەۋىيەگە چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، دۆلىتىمىز بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەت ئىچىدە، سۇرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر