چاۋۇشئوغلۇ: ئەردوغان بۈگۈن ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدۇ.

935181
چاۋۇشئوغلۇ: ئەردوغان بۈگۈن ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېشنى باھانە قىلىپ، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دائېش مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن پ ك ك / پ ي د – ي پ گ نىڭ رايوننى بوشىتىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

مۇنبىچتىكى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ مەۋجۇدىيىتى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن بىر مودېل ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ مودېل يولغا قويۇلمىغان تەقدىردە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۈگۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ، «ترامپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلىمىز. بىراق، سىستېمىنى يەنىمۇ ياخشى چۈشىنىشى لازىم» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دەسلەپكى قەدەمدە پ ك ك  / پ ي د / ي پ گ مۇنبىچتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئاندىن تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇ يەردە تۇرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا ئۇ يەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىنىدۇ، رامكا بۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايلاردىمۇ بۇ مودېل تەتبىقلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، پ ك ك  / پ ي د / ي پ گ مۇنبىچتىن  چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى دېموگرافىيەنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇنبىچ مودېلى ئۇتۇقلۇق تەتبىقلانغان تەقدىردە، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ھاجەت يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «پىلان تەتبىقلانمىسا، قىلىدىغان بىرلا ئىش قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تېررورچىلارنىڭ يوقىتىلىشى. بۇ پەقەت فىرات دەرياسىنىڭ شەرقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىراق ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئىراقتىكى پ ك ك نىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ھەممىدىن بەك ئىراق ھۆكۈمىتى بىئارام. پ ك ك، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار ئۈچۈنمۇ بىر تەھدىتتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر