ئەردوغانغا «خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى»بېرىلىدۇ

خەلقئارا پېدىياترى  (بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى) ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى»بېرىشنى قارار قىلدى.

927531
ئەردوغانغا «خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى»بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پېدىياترى  (بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى) ئورگىنى مۇساپىرلار بالىلارغا قىلغان خىزمەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى»بېرىشنى قارار قىلدى.

ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورگاننىڭ تاشقى ئالاقە مۇدىرى كەرەم ھەسەنئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلگەن خەلقئارا پېدىياترى ئورگىنى تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى مۇساپىر بالىلارغا قارىتىلغان خىزمەتلەرنى بىۋاستە كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە  مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى ئېكسۇرسىيە قىلغان.

ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن خەلقئارا پېدىياترى ئورگىنى مەسئۇللىرىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق بەرگەن قارارىنى ئۇقتۇرغان كەرەم ھەسەنئوغلۇ، ئورگان مەسئۇللىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مۇساپىر بالىلارغا قىلغان خىزمىتى سەۋەبىدىن «خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى»بېرىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھەسەنئوغلۇ خەلقئارا پېدىياترى ئورگىنى باشلىقى ۋە مەسئۇللىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەردوغاننىڭ سايىسىدە نۇرغۇن بالىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «چۈنكى نۇرغۇن دۆلەت بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغان مەسىلىدە تۈركىيە ئۆز ئالدىغا 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق ۋە بالىغا ئىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرمىدى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى، لېكىن ھۆرمەتلىك ئەردوغان يېتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە بۇ بىگۇناھ بوۋاقلار ۋە بالىلارغا شەپقەت قولىنى ئۇزاتتى،  بۇ تولىمۇ مۇھىم مەسىلە. خەلقئارا پېدىياترى ئورگىنى  بالىلارغا خىزمەت قىلغان ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ قارار مىنىستىرلىققا يەتكۈزۈلدى. ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورگىنىغا ۋاكالىتەن بالىلارغا قىلغان خىزمىتى سەۋەبىدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. »

خەلقئارا پېدىياترى ئورگىنغا 1 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار دوختۇرى ئەزا بولۇپ، 140دىن ئاتۇق دۆلەتتە ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر