تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قۇددۇسلۇق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىقامىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

926910
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىسرائىلىيە  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا  پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتىنى بىكار قىلىۋېتىش ھوقۇقى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «1967-يىلى شەرقىي قۇددۇس ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان مىڭلارچە پەلەستىنلىكنىڭ قۇددۇستا تۇرۇش رۇخسەتنامىسى بىكار قىلىندى. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ھەق ھوقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلماي شەرقىي قۇددۇسنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ قانۇنسىز قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى بۇرۇنمۇ (كنېسسېت)ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا قۇددۇسلۇق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىقامىتىنى بىكار قىلىۋېىش ھوقۇقى بېرىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر