تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2940 كە يەتتى.

924392
تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش  ئەزاسى تېررورچىلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا 62 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 2940 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ھازىرغىچە 119 ى يېزا، 30 ى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي بولۇپ جەمئىي 149 ئورۇننىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر