تۈركىيە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى خەلقئارا قانۇنغا ۋە تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنى «خەلقئارا قانۇن ۋە تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

924476
تۈركىيە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى خەلقئارا قانۇنغا ۋە تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پاۋلوپۇلوسنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە دائىر بىر سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنىڭ «تارىخىي نۇقتىدىن بىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك بولغان زېمىنلارغا ئىگە بولماسلىقىمىز مۇمكىن. تارىخ بىزنى مەجبۇرلىغان تەقدىردە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىلغىنىنى قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرىنىڭ گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن « گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پاۋلوپۇلوسنى خەلقئارا قانۇنغا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چېگرالىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، مەنسىپىگە ياراشمايدىغان شۇنداقلا يوق يەردىن يىرىكچىلىك پەيدا قىلىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر