ئافرىندىكى تۈركىيە قىسىملىرى «ئاككور پۇلات» سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ
ئافرىن رايونىدىكى تۈركىيە قىسىملىرى تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان «ئاككور پۇلات» ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى بىلەن تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات شىركىتى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغا «ئاككور پۇلات» ناملىق ئاكتىپ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ج ك/پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20 – يانۋار كۈنى باشلانغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تانكىلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دەمىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ سىستېما ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى ئاكتىپ مۇداپىئە سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىستېمىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى بىلەن تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات شىركىتى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنىستىتۇنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»