بوزداغ: ب د ت نىڭ قارارى ئافرىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، سۈرىيە توغرىسىدا چىقىرىلغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ ئافرىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

920754
بوزداغ: ب د ت نىڭ قارارى ئافرىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەنبە كۈچى چىقارغان «سۈرىيەدە 30 كۈن بويىچە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارارى» توغرىسىدا توختىلىپ، «قارارغا قارىغىنىمىزدا شەرقىي غۇتەگە ئوخشاش بەزى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىندى. (ئۇ قاتاردا) ئافرىن يوق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭمۇ ئافرىندا پەقەت تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن لوگىسىزلىقنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇرۇش توختىتىش قارارىدا تىلغا ئېلىنغان جايلار ئارىسىدا ئافرىن يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامداش جەھەتتە مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن بوزداغ، «ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر بىرمۇ مىسال يوق. بىرمۇ پۇقرانىڭ بۇرنى قانىمىدى. بۇ (ئۇرۇش توختىتىش) قارارى تۈركىيەنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. زەيتۇن شېخى بۇ قارارنىڭ سىرتىدىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر