تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل بىلەن فەراھ ۋە ھېلماند ۋىلايەتلىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

917672
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئافغاننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 1 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

فەراھ ۋىلايىتىنىڭ بالابۇلۇق ناھىيەسىدىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 18 ئەسكەر، ھېلماند ۋىلايىتىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن قىلىنغان ئىككى ئايرىم ھۇجۇمدا 2 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر