مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ گوللاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەكرى بوزداغ تۈرك تارىخىنىڭ ھېچ بىر دەۋرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، نۇمۇس قىلارلىق قىلمىشى ياكى ئەيىپى بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

917226
مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ گوللاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەكىر بوزداغ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېكىتى تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915يىلى ۋەقەلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىش قارارىغا <تۆھمەت> دەپ باھا بەردى ۋە: «بۇ تۈركىيەگە نىسبەتەن نۆلگە تەڭ» دېدى.

بەكىر بوزداغ باياناتىدا يەنە: «تۈرك تارىخىنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، نۇمۇس قىلارلىق قىلمىشى ياكى ئەيىبى بولۇپ باققىنى يوق. تارىخىي يازمىلار، ئارخىپلار ۋە ھۆججەتلەر بۇ ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر. تارىخ ۋە ئارخىپ قەيىتلىرىنى پارلامېنتنىڭ قارارلىرى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر