ئەردوغان ئەسەدنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئافرىنغا كىرىشكە ئۇرۇنىشى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئافرىنغا كىرىشكە ئۇرۇنىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇ مەسىلە ھازىرچە يېپىلدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشى بىلەن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇشتى» دېدى.

914676
ئەردوغان ئەسەدنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئافرىنغا كىرىشكە ئۇرۇنىشى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى جۇرگې ئىۋانوۋ بىلەن ئۆتكۈزۈگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئافرىنغا كىرىشكە ئۇرۇنىشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئاخشامغا يېقىن شىئە مىلتانلار گۇرۇپپىسىنىڭ كوزۇپلۇق ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئافرىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بايقالدى. ئاندىن تۈركىيە ئارمىيەسى توپقا تۇتۇشنى باشلىشى بىلەن تەڭ ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇر بولۇشتى ۋە بۇ مەسىلە ھازىرچە ئەشۇنداق يېپىلغان بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى (سىلەرگىمۇ مەلۇم) بەزىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارارلارنى ماقۇللىشىپ، خاتا قەدەملەرنى تاشلايدۇ. بۇنىڭ بەدىلىنىمۇ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئۆتەيدۇ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر