تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسەدنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن تۇتۇشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە 10 كېلومېتىر قالغان جايدا توپقا تۇتۇپ ئارقىغا چېكىندۈردى.

914675
تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسەدنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن تۇتۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىم ئەسەدنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن تۇتۇشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىننى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىدىن تازىلاشنى نىشان قىلغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى دائىرىىسدە، بۇ قېتىم ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە 10 كېلومېتىر قالغان جايدا ئاگاھۈلاندۇرۇپ، توپقا تۇتۇش ئارقىلىق چېكىندۈردى.

توپقا تۇتۇلغان تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىشكەنلىكى كۆرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، «سۈرىيە ھۆكۈمەت قىسىملىرى بۇ يولغا كىرىدىغان بولسا، كۆرىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ «ئەگەر ئەسەد قىسىملىرى ئافرىنغا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نى تازىلاش ئۈچۈن كىرسە، مەسىلە يوق. ئەگەر ي پ گ نى قوغداش ئۈچۈن كىرىدىغان بولسا، تۈركىيە ئارمىيەسىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر