چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا كەتتى.
905606
![چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7bf2/6ffb/f8ae/5a7b0c10c133f.jpg?time=1718346262)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشمەكتە.
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشلاردا، ئىران – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.