ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

900425
ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنى قانۇن ئورنىدىكى قارارنامە ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا قاراشلىق بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بەشتەپە سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار قاتنىشىدۇ.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا تېررورسىتلارنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ئىشلىتىلىۋاتقان يەرلىك ۋە مىللىي قورال – ياراغلارنىڭ تەشكىل قىلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىندا، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈش ۋە پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، زامانىۋى قورال – ياراغلار، ھەربىي ئەسلىھەلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر