ئەردوغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ماختىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ خۇددى قەۋائى مىللىيە (خەلق ئارمىيەسى) قىسىملىرىغا ئوخشاش بىر خەلق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

899999
ئەردوغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى> دە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداۋاتانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر مىللەتتىن جەڭچىلىرى بولغان  بىر خەلق ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

 ئەردوغان نۇتۇقىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قسمىنى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا پ ك ك/ك ج ك/پ ي د – ي پ گ تېرورچىلىرىنى يوقۇتۇش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20 – يانۋاردا باشلىغان <زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى>گە ئاجراتتى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە ھازىرغا قەدەر 649 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇرسەيا تېغى كونتىروللۇققا ئۆتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېقىن چوقىلاردىمۇ ئەسكەرلىرىمىز ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە غەلىبە قىلىشنىڭ قەدەملىرىنى تاشلىماقتا» دېدى.

ئەردوغان بۇ ھەرىكەتنىڭ يەرلىك قوراللار بىلەن ئىنتايىن غەلىبىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئالدىنقى يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا جەرابلۇس، رىئا ۋە ئەلباب رايونلىرىنى دائېش تېررورچىلىرىدىن تازىلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقىغا بىزلەر يېقىندىن شاھىتمىز.  بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ 614 چەڭچىسى شېھىت بولدى. <زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى>دە بولسا، 16 جەڭجىسى شېھىت بولغان تۇرۇغلۇق، كۈرەشلىرىنى قەتئىيىلىك بىلەن قەھرىمانلارچە داۋاملاشتۇرماقتا. مەملىكىتىمىزدىمۇ سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىك شۆبىلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، رايونغا بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىك شۆبىسىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىر قەتئىي ئىرادىنىڭ ئىپادىسى دەپ بىلىمەن  ۋە ھەممەيلەنگە رەخمىتىمنى ئېيتىمەن» دېدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاممىۋىي ئورگان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان «ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى خۇددى قەۋائى مىللىيە (خەلق ئارمىيەسى) قىسىملىرىغا ئوخشاش بىر خەلق تەشكىلاتىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر