ئەردوغان لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلانغان لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى كېيىنگە قالدۇردى.

899821
ئەردوغان لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ بېشىدا ۋاتىكاندا، ئارقىدىنلا لاتىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق ئەردوغاننىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ ۋاتىكان بىلەنلا ئاخىرىلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر