تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل ۋە ئاسوس رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 11 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

898918
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك غا ئائىت نىشانلار داۋاملىق بىتچىت قىلىنماقتا.

بۇ دائىرىدە، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل ۋە ئاسوس رايونلىرىدا چېگرا لىنىيەلىرىدىكى قاراۋۇلخانىلار ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا  پ ك ك تېررورسىتلىرىغا ئائىت پاناھ قايلار، تۇرالغۇ جايلار ۋە قورال - ياراغ ھەم ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر