رەيھانلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر كىچىك بالا يارىلاندى

پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىن ئاتقان بىر راكېتامىيوت ئوقى تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە چۈشۈپ، بىر كىچىك بالىنىڭ يېنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

898579
رەيھانلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر كىچىك بالا يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئافرىن رايونىدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقى، جۇمھۇرىيەت مەھەللىسىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە تەگدى؛ ئۆيدە ھېچكىمنىڭ يوقلۇقى، پارتلاشتا بىر كىچىك بالىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايونغا كۆپ ساندا ساقچى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر