ئەردوغان: ئىستىقلالىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا قەست قىلغانلارغا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى مەيلى قانچىلىق پەرقلىق ئىسىملەر بىلەن ئالدىمىزغا كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز» دېدى.

898316
ئەردوغان: ئىستىقلالىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا قەست قىلغانلارغا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايمىز
basbakan yildirim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ خوجايىنىنىڭ قاندىل (پ ك ك) ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۈرسىمۇ، بۇنى پەقەت بىرلا ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا قاسىمپاشا تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق 3 مىڭغا يېقىن دائېش تېررورچىلىرىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سۈرىيەدە ئۇرۇشقىدەك ھالى بار دائېش تېررورچىسى قالمىدى. لېكىن بەزىلەر شۇنى باھانە قىلىپ، سۈرىيەگە قورال يېغىشنى ھازىرمۇ داۋملاشتۇرىۋاتىدۇ. سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ خوجايىنىنىڭ قاندىل (پ ك ك)  ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۈرسىمۇ، بۇنى پەقەت بىرلا ئىتتىپاقداش دۆلەت قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتلەر ئىنكار قىلىش بىلەن يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. چېگرالىرىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىن راكىتامىيۇتلار، بومبا ۋە باشقا قوراللار بىلەن يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان تاجاۋۇز خاراكتېرلىك ھۇجۇملار قىلىنىۋاتسا، شۇ ۋەجىدىن پۇقرالىرىمىز، جامىلەردە، ئۆيلىرىدە، ئىش ئورۇنلىرىدا، ھەتتا كۆچىلاردا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتسا، يارىدار بولىۋاتسا، ئەمدى بىزنىڭ زادى نېمە كېلىشىمىزنى كۈتۈشمەكچى ئىكەن؟» دېدى.

ئەردوغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە 8 كۈن ئىچىدە 394 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىدىن بولسا، 16 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بىزگە دوستلۇق قولىنى ئۇزاتقانلارغا بىز قوچىقىمىزنى ئاچىمىز. بىزدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا بىز نېنىمىزنى بۆلۈپ بېرىمىز. بىراق بىزگە ھۇجۇم قىلغانلارغا، ئىستىقلالىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا قەست قىلغان ھېچ كىشىگە ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايمىز. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەيلى فەتھۇللاھچى، مەيلى دائېش، مەيلى پ ك ك، مەيلى پ ي د ياكى ي پ گ نېمە بولسا بولسۇن، مەيلى قانچىلىق پەرقلىق ئىسىملەر بىلەن ئالدىمىزغا كەلسە كەلسۈن، ھېچ قانداق پەرقى يوق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، سۈپۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىمىز»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ بىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە ئەمدىلىكتە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدىن تاجاۋۇز خاراكتېرلىق ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقىنىڭ بېشىغا بالا بولۇۋاتقان، جان ۋە ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەست قىلىۋاتقان بۇ ئىپلاسلار گۇرۇھىغا تېگىشلىك دەرسىنى بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئافرىندا تېررورلۇقنىڭ بېشىنى يەنچىپ تاشلىغانغا قەدەر ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم، «كىم مەيلى نېمە دېسە دېسۇن، چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقىمىزنىڭ جان ۋە ماللىرىنىڭ خاتىرىجەملىكى تۇلۇق ئىشقا ئاشقانغا قەدەر بۇ ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىمىزدا تېررورلۇق بەلۋىغىنىڭ شەكىللىنىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر