تۈركىيە خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىلىرىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىلىرىدە تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

897699
تۈركىيە خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىلىرىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەر  قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 100 ساياھەت يەرمەنكىسىدە ئۇزۇن تارىخقا، گۈزەل تەبىئەتكە ۋە مول مەدەنىيەت بايلىققا  ئىگە بولغان تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مول مەدەنىيەت بايلىقلارغا، ئۇزۇن تارىخقا ۋە گۈزەل تەبىئەتكە ئىگە بولغان تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش ۋە بازار ئېچىش مەقسىتىدە ھەر يىلى چەت دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنسىتىرلىقى باشچىلىقىدا ھەر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ 2018-يىلى بېرلىن ساياھەت يەرمەنكىسى، لوندون دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى، ئارابىيان ساياھەت يەرمەنكىسى، مىتت موسكۋاغا ئوخشاش دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشى قاتناشىدىغان ساياھەت پائالىيەتلىرىمۇ بولغان جەمئىي 100 ساياھەت يەرمەنكىسىدە بۆلۈمخانا تەسىس قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساياھەت ھەجمى كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىۋاتقان ۋە يېڭى بازارلارغا يۈزلىنىۋاتقان تۈركىيە ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋانۋورلد ساياھەت يۋە ساتتې يېڭى دېھلى يەرمەنكىلىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ.

ساياھەت ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان يەرمەنكىلەردە تۈركىيەنىڭ تىروي بىلەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىغنان كاستامونونى  تونۇشتۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر