ئامېرىكا ئەنقەرەگە ھەيئەت يوللىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جوناتان كوھېن باشچىلىقىدىكى ۋاشىنگتون ھەيئىتى، سۈرىيە ۋە ئەدلىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

894937
ئامېرىكا ئەنقەرەگە ھەيئەت يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن؛ ھەيئەت ئالدى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، مىنىستىرلىقنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئەھمەد مۇختار گۈن رىياسەتچىلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىكەن. ئارقىدىن باش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ ئالاقىدار خادىملار بىلەن يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مىڭبېشى ئادرىئان رانكاين گاللوۋەي، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئافرىندىكى ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئورتاق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئافرىندىكى پ ي د / پ ك ك كۈچلىرىنىڭ دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ شېرىكى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن گاللوۋەي، «تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرىغا ئەستايىدىل قارايمىز. تۈركىيە ناتو ئىتتىپاقدېشىمىز، بىز دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش شېرىكىمىز بولغان تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. ئامېرىكا تەرىپىدىن چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك نىڭ تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئەسلىدىنلا يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر