«ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئاخرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدۇ»

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

894661
«ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئاخرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدۇ»

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پ ك ك –ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەبە بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان ھۇلۇسى ئاكار: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ب د ت نىڭ 51-ماددىسىدا كۆرستىلگەن «يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى» ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا پەقەتلا تېررورچىلارغا تەۋە بازىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ نورمال پۇقرالارغا تەۋە جايلارغا چېقىلمىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان گېنېرال ئاكار، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قېرىنداش ۋە دوست خەلقلەرنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ قوزغانلىقىنى بىلدۈردى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر