«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە مەلۇمات بېرىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

893082
«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە مەلۇمات بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتخانىسى ئارقىلىق سۈرىيە كونسۇلخانىسىغا «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا نوتا تاپشۇردى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دائىمىي ۋەكىلى ئارقىلىق ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى قازاقىستاننىڭ دائىمىي ۋەكىلىگە، ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ۋە قانۇنىي ئاساسى ھەققىدە مەكتۇپ بىلەن يازما مەلۇمات بېرىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بولغان ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە قىلىنىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر