ئافرىن ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىدىن كەلگەن ھوقۇقىمزىدۇر

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مىللىي بىخەتەرلىككە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق قۇرۇلۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

892346
ئافرىن ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىدىن كەلگەن ھوقۇقىمزىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 80 دانە دالا ئاپتوموبىلىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىدىن كەلگەن ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ، تېررورلۇقنى يوقىتىش ۋە قانچە يىللاردىن بۇيان دەرت-ئەلەم تارتىۋاتقان خەلقنىڭ قايتىدىن دەرت-ئەلەملەرگە دۇچار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىشىمىزدىكى مەقسەتلىرىمىزدۇر» دېدى.

ئۇ: «بەزىدە ئۇنداق-بۇنداق سۆزلەر بولىدۇ، <نېمىشقا 3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىككە بۇنچىلىك پۇل خەجلەيسىلەر، قاچان باشلايسىلەر> دېگەندەك، توغرا چۈشىنىشكە مەجبۇرمىز. بىز ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان، قىيىچىلىقتا قالغان، يۇرت-ماكانلىرىدىن قېچىشقا، بارلىق ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرگە ئىشىكىمىزنى تاقىۋالمايمىز، مەدەنىيىتىمىزدە بۇنداق قىلىش يوق، ئېتىقادىمىزدىمۇ يوق، ئەلۋەتتە داستىخنىمىزدا نېمە بولسا تەڭ ئورتاقلاشتۇق، بۇنى ھەرگىزمۇ پۇل، كېيىنكى ھېساب-كىتاب مەسىلىسى قىلىۋالمىدۇق ۋە قىلمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر