ئەردوغان: فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنيا تىنچلىقى نۇقتىسىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

882515
ئەردوغان: فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە سەپىرىدىن بۇرۇن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارىتىدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن، ئىقتىساد، سودا، سانائەت، مۇداپىئە سانائىتى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلانغان ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئالاقىمىز بار، كەڭ دائىرەلىك ۋە كۈچلۈك شېرىكلىك ئاساسىدا، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.

ئۇ: «مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارمىز. مۇداپىئە سانائىتىدە، بولۇپمۇ بىز كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە باسىدىغان قەدىمىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈن بۇنى قايتا مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكادا خاقان ئاتىللا ھەققىدە داۋاملىشىۋاتقان سوت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۆزىنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك. بۇنداق ئادالەت قارىشى بولمايدۇ، شۇڭا دۇنياغا ئادالەت ھەققىدە نەسىھەت قىلمىسۇن.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئادالەت قارىشى ھەققىدىكى سەتچىلىكلەردىن مىسال كۆرسىتىپ: «تۈركىيەدە 2016-يىلى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى بەگدەك بېقىۋاتىدۇ، ئۇلارغا 100 يېشىككە يېقىن دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەۋەتكەن بولساقمۇ، پەرۋا قىلمىدى. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە خەلقئارالىق قانۇن ھۆكمىنى يوقىتىپ قويدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر